ئىبلىس ساقلاپ ياتقان جەسەتلەر

 

ئىبلىس ساقلاپ ياتقان جەسەتلەر(4) 

 (خاتىرە)

  بىرگمان (شۋىتسىيە)

ئەخمەت راخمان تەرجىمىسى

 

                                                 قەدىمكى قەبرىلەرنى ئىزدەش

      1934-يىلى4- ، 5-ئايلاردا، سىۋېن ھېدىن ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى بىلەن چاپما قېيىققا ئولتۇرۇپ كۈنچى ۋە قۇم دەريالىرى ئارقىلىق لوپنۇر كۆلىگە بارغانىدى. مەن شۇ قېتىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شۇ ئەتراپتا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. بۇ خىزمەتلەر ئاساسلىق سىۋېن ھېدىننىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مەنبەسىنى بېكىتىش پىلانىنى يېڭى دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت ئىدى.

 شۇ قېتىمقى دەريا سەپىرىدە سىۋېن ھېدىن بىر چاغلاردىكى كونا مالىيى ئۆردەكنى يوقلاپ ئۆتتى ھەم ئۇنىڭدىن قۇم دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قۇملۇقتا (مۆلچەرىمچە يارداڭبۇلاقنىڭ دەل جەنۇبىغا توغرا كېلەتتى) كىشىلەرگە تېخى مەلۇم بولمىغان قەبرىستانلىقنى بايقىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئۆردەك بىزگە يول باشلىغۇچى بولدى، ئارىمىزدا يەنە خېلى شىجائەتلىك سانىلىدىغان شېڭ رۇيخېنمۇ بار ئىدى. 

       29-ئاپرېل سىۋېن ھېدىن ئېكسپېدىتسىيە گۇرۇپپىسىنى باشلاپ 70-نومۇرلۇق قونالغۇدىن ئايرىلىپ چاپما قېيىق بىلەن دەريا سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.70-نومۇرلۇق قونالغۇ ئاپتوموبىل ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى چۈشكۈن قىلغان قۇم دەرياسى بويىدىكى چوڭراق قونالغۇ بولۇپ، يارداڭبۇلاققا يېقىن ئىدى. ئىككىنچى كۈنى گۇرۇپپىمىز چاپما قېيىق بىلەن دەريانىڭ تۆۋەندىكى قىسمىغا، يەنى يارداڭبۇلاقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا ناھايىتى يىراق بولغان جايغىچە بېرىپ توختىدۇق. ئۆردەك ھېلىقى خېلىلا چوڭ دائىرىگە جايلاشقان قەدىمىي قەبرە توپىنى ئىزدەپ تاپماقچى بولدى. ئۇنىڭ خاتىرىسىدە قېلىشىچە، قەبرىستانلىق قۇملۇقنىڭ جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئىكەن، لېكىن ئۇ ئۈچ كۈن ئىزدەپمۇ قەبرىستانلىقنى تاپالمىدى. ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇ يەرگە بارغىنىغىمۇ ئاز كەم 15 يىل بولۇپ قالغانىكەن. ئەينى چاغدا ئۇ باشقا بىر يۆنىلىشتىن قەبرىستانلىققا كەلگەنىكەن، ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەندىكى ئېقىنىنىڭ شەرقىي ھاۋزىسىدىكى قۇرۇپ كەتكەن بولۇڭكۆلدىن يولغا چىققان. لېكىن ھازىر ئۆردەك ئېيتقان قەبرىستانلىق ئەگەر ھەقىقەتەن قونالغۇنىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان 100 كىلومېتىرلىق دائىرىدە بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ قەبرىلەر بىر چوڭ كۆلنىڭ ئاستىدا قالغان بولىدۇ. مەن قەبرىستانلىقنىڭ كۆل ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم. چۈنكى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان سۇ بېسىپ كېتىشتەك ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقەدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەبرىستانلىقنىڭ ئادەتتە ئېگىزرەك جايلاردا بولىدىغانلىقىغا قەتىي ئىشىنەتتىم. بىراق مەن يەنىلا بۇ يەرگە بېرىپ كۆلنىڭ زادى قانداق تىپقا كىرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم. ئەمما بۇرۇن تۈزۈلگەن خەرىتىلەردە كۆلنىڭ ئورنىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان ھېچقانداق بەلگە يوق ئىدى. `

   بىز شىددەتلىك شەرقىي شىمال بورىنى تۈپەيلى ”16ب“قونالغۇدا بىر كۈن تۇرۇپ قالدۇق. ئەتىسى مەن دەريانىڭ جەنۇبىي ھاۋزىسىدىن جەنۇبقا، يەنى غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتىم، شۇنداق قىلىپ دەريادىن خېلىلا يىراقلاپ كەتتىم. ماڭغانسېرى يەر يۈزىنىڭ تەكشى كەتكەنلىكىنى، تۇپرىقىنىڭ تاقىرلىشىپ كەتكەن سېغىز توپىلىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ يەردە تېخى شالاڭ يۇلغۇنلۇق ۋە قۇرۇپ كەتمىگەن چاتقاللارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. يەر يۈزىدە يەنە شالاڭ قەدىمىي يارداڭلىقلار تارقالغان بولۇپ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى. ئاقما قۇم ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى. دەريانىڭ جەنۇبىي ھاۋزىسىغا يىراقراق جايدا قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەردىن باشقا قۇرۇپ كەتكەن بىرنەچچە تۈپ يۇلغۇن كۆچىتىنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. قونالغۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى دەريانىڭ ئەگرى – توقاي مەنزىلىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن سېغىز تۇپراقتىن بىر ساپال پارچىسىنى تېپىۋالدىم. بۇنى دەريانىڭ شىمالىي ھاۋزىسىدا تېپىلغان ساپال پارچىلىرى بىلەن ئوخشاش دەپ بېكىتىشكە بولاتتى. مۆلچەرىمچە، بۇ ساپال پارچىلىرى تاش قورال دەۋرىگە مەنسۇپ ئىدى.

       5-ماي بىز قونالغۇ ئەسلىھەلىرى بىلەن ئات – ئۇلاغلارنى دەريادىن ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. ئىككى چاپما قېيىقنى بىر – بىرىگە چېتىپ، ئات – ئۇلاغلارنى قېيىققا چىقىرىپ پۇتلىرىنى چۈشىدۇق. ئېكسپېدىتسىيە گۇرۇپپىسى دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ماڭماقچى بولدى، مەن جەنۇب تەرەپتىن ئايلىنىپ بېرىشنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتىم. مەن ناھايىتى تېزلا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت كىچىكرەك ئولتۇراق رايوندىن ئايلىنىپ ئۆتتۈم. چاقماق تېشى بىلەن ساپال پارچىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى يارداڭلىقلارنىڭ ئۈستى، شۇنىڭدەك يارداڭلىقلار ئارىلىقىدىكى ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئويمانلاردا ساقلانغان بولۇپ، ئۆتكۈر تىغلىق ئوقيا بېشى بىلەن سىڭىر تاشتىن ئىشلەنگەن ئوقيا بېشىنىڭ دەۋرى ماس كېلەتتى. 

   مەن قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەر توپىدىن ئۆتتۈم. ئاللىقاچان قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن بۇ دەرەخلەردىن بۇ جاينىڭ ئىلگىرىكى سەلتەنىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ھازىر بۇ يەرلەر تامام تاقىرلىشىپ كەتكەنىدى. قۇرۇپ كەتكەن يۇلغۇنلار چوقچىيىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شاخلىرىنى بوران ئۇچۇرۇپ تۈگەتكەنىدى. تاقىر سېغىز توپىلىق يەر ۋە قۇملۇقتا تەخمىنەن بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىرنەچچە تەكشى ئازگال پەيدا بولغانىكەن. بەزى ئازگال، يېرىقلارنىڭ ئاستى ئۈستىدىن خېلىلا كەڭ ئىدى. جەنۇبىي قىسمى ― تۆپىلىكنىڭ چەت جايلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، يېرىقتىن ھاسىل بولغان تەبىئىي چۆنەكلەردە سۇ سىرغىپ تۇراتتى. بۇ شامالدا يىمىرىلىشتىن شەكىللەنگەن تىپىك ئازگال، چۆنەكلەر ئىدى. تەخمىنەن سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتىكى تۆپىلىكنىڭ يانباغرىدا كىچىكرەك ئىككى تۇز كۆلى بولۇپ، بەكمۇ يېگانە كۆرۈنەتتى. بۇ كۆلگە بىر قاراپلا ئۇنىڭ دەريانىڭ بۇرۇنقى قىنى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. سازلىقتا مۇشۇ خىل كۆلگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىرنەچچە كىچىك كۆلچەكلەر بار ئىدى. ئادەم ئاياغ باسمىغان بۇ چۆل شۇنچە سۈكۈناتقا پاتقانكى، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەر، چاتقاللار، سازلىقلار، ئاللىقاچان قۇرۇپ كۆتەككە ئايلىنىپ كەتكەن يۇلغۇنلار ئاشۇ كۆلچەكلەردىكى تۇز سۈيىنىڭ دىماغنى يارغۇدەك ئاچچىق پۇرىقى بىلەن بىرلىشىپ كىشىگە كۆڭۈلسىز تەسىرات بېرەتتى. مەن تاسادىپىي بەش دانە مىس ياماقنى تېپىۋالدىم، ئەپسۇسكى، ياماقنىڭ يۈزىدىكى خەتلەر ئۇپراپ كەتكەچكە ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىدى، لېكىن ئۇنى تىپىك خەن دەۋرىگە ئائىت بۇيۇم دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىلىندىر شەكىللىك بىر مىس ھەميان بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ پۇل سېلىشقا مۇۋاپىق كېلەتتى. ئەگەر بۇ راستتىنلا ھەمياننىڭ ئۆزى دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇنى كرورەن دەۋرىدىكى نامەلۇم شور پېشانە ساياھەتچى چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ چىقىدۇ.

       6-ماي ئاسماننى قويۇق بۇلۇت قاپلىغان بولۇپ، ھاۋا ناھايىتى سالقىن ئىدى. مەن ئالدىنقى كۈندىكىگە ئوخشاش جەنۇبقا قاراپ يولغا چىقتىم، ئېكسپېدىتسىيە گۇرۇپپىسى چاپما قېيىق بىلەن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ 20 كىلومېتىردەك ئۈزۈپ باردى. مەن يارداڭلار ئارىلىقىدىكى سازلىقلاردىن تاش قورال دەۋرىگە ئائىت بەزى قالدۇق نەرسىلەرنى تاپتىم ھەم قۇرۇپ كەتكەن توغراقلىق ئوراپ تۇرغان چوڭقۇر سازلىقتىكى كىچىكرەك تۇزلۇق كۆلگە يېقىنلاشتىم. شېڭ رۇيخېن بىلەن جاۋ كېدۇنمۇ ئاشۇ يۈرۈشىدە خەن سۇلالىسىگە ۋە تاش قورال دەۋرىگە ئائىت ساپال پارچىلىرىنى تېپىپتۇ.

   ئىككىنچى كۈنى، يامغۇر قاتتىق يېغىپ كەتتى. ئۆردەك قونالغۇدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا كۆل ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان قەبرىستانلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلاتتى. ئۇ كۆلگە بېرىش ئۈچۈن 50 كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كەلسە كېرەك، دەپ قارايتتى. لېكىن ئېكسپېدىتسىيە گۇرۇپپىسىنى باشلاپ بەش كىلومېتىر ماڭا – ماڭمايلا تۈنۈگۈن مەن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇچراتقان كۆل بىلەن دەريانى تۇتاشتۇرغان يەرگە يېتىپ كەلدۇق. ئۇ ”بۇ كۆلنىڭ سۈيى تۇزلۇق، بوۋىلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئەڭ ئاخىرقى كۆلگە بېرىش ئۈچۈن جەنۇب يۆنىلىشىنى بويلاپ داۋاملىق مېڭىش كېرەك“ دېدى. ئۇ گاڭگىراپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بىز كۆلنىڭ راستتىنلا بار – يوقلۇقىدىن شۈبھىلەنگەنىدۇق. جاۋ كېدۇن ئۆردەك بىلەن خەنزۇچە پاراڭلاشتى. ئۇلارنىڭ ئەپچىل ئىما – ئىشارەت، ئاددىي سۆزلىرىدىن شۇنى بىلدۇقكى، ئۆردەك قەبرىستانلىقنىڭ ئورنى شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشتە دېگەندە چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ يەردە ئىبلىس (ئالۋاستى) بارمىش، ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، بىزنى ئۇ يەرگە باشلاپ بېرىشقا پېتىنالماسمىش. ئۆردەك 15 يىل بۇرۇن ئۇ يەرگە بىر ھەمراھى بىلەن بارغانىكەن، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەمراھى كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاچقا كېچىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشگە توغرا كەپتۇ. ئۇ يېرىم كېچە بولغاندا تۇيۇقسىز يامان چۈش كۆرگەندەك ئويغىنىپ كېتىپتۇ – دە، ناھايىتى بەتبەشىرە ئەرۋاھنى كۆرۈپ ھاڭ – تاڭ قاپتۇ. : 

   لېكىن، ئۆردەك ئەتىسى قېيىقچى، لوپنۇرلۇق تاھىر دېگەن كىشى بىلەن ئاتلىق ئۇ يەرگە بېرىشقا ماقۇل بولدى. ئەمما ئۇ مىلتىق ئېلىۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. چۈنكى ئالۋاستى مىلتىقتىن بەكمۇ قورقارمىش. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارماقچى بولۇپ قايتا – قايتا ئۆتۈنگەندىن كېيىنلا ئۆردەك بىرگە بېرىشىمغا قوشۇلدى.

   8-ماي ئەتىگەن سائەت 6 دە، ئۈچىمىز يولغا چىقتۇق. ھاۋامۇ ناھايىتى سالقىن ئىدى. ئۈچ ئادەم ئىككى ئاتقا مىنگەنىدۇق. غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىنى بويلاپ بىر قەۋەت تېيىز ئاقما قۇملۇقتىن ئۆتۈپ كۆلگە يېقىنلاشتۇق. ئۇ يەردە خېلىلا ئاينىغان يۇلغۇنلۇق بار ئىكەن. لېكىن قۇملۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگىنىمىزدە ئېگىز قۇم بارخانلىرىدا قۇرۇپ كەتكەن يۇلغۇن، توغراقلارنى ئۇچراتتۇق. بىز يېرىم سائەت يول يۈرگەندىن كېيىنلا يارداڭلىقلاردا قەد كۆتۈرۈپ سايە تاشلاپ تۇرغان توغراقلىقتىن ئۆتتۇق. يەنىمۇ ئالغا قاراپ مېڭىۋىدۇق، كىچىك قۇم بارخانلىرى بارغانچە كۆپەيدى – دە، بىپايان چۆللۈككە چىقىپ قالدۇق. ئالاھەزەل بىر سائەتتىن كېيىن قۇم بارخانلىرى ئېگىزلەپ ئىككى مېتىرگە يەتتى. مەن بوران يالاپ كەتكەن تاقىر يەردە تاش قورال دەۋرىگە ئائىت ساپال پارچىلىرىنى ئۇچراتتىم. ماڭغانچە قۇم بارخانلىرىمۇ ئېگىزلەپ باراتتى، مەن يەنە بىر پارچە تۆمۈرنى تىپىۋالدىم. شۈبھىسىزكى، تاش قورال دەۋرىدىن بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ بۇ جايلاردا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى جەزم قىلغىلى بولاتتى. بەزى جايلار كرورەن دەۋرىدىن بالدۇر بولۇپ، قالدۇق بۇيۇملار قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا قالغانىكەن. ئىنسانلار بۇ جايلاردا ياشاشقا ئىمكانىيەت قالمىغاندا تاشلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، نۇرغۇن قالدۇق بۇيۇملار ئاشۇ قۇم بارخانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغاندەك قىلاتتى.

    تەخمىنەن سائەت 10 لاردا، بىر – ئىككى تۈپ كۆكۈرۈپ تۇرغان يۇلغۇننى ئايلىنىپ ئۆتكىنىمىزدە، قۇم بارخانلىرى ئېگىزلەپ ئون مېتىرغا يەتتى. ئاپتاپ قىزدۇرۇپ چىدىغۇسىز ھالغا كەلدۇق. بىز ئاتتىن چۈشۈپ ئۇسسۇلۇق ئىچىپ 40 مىنۇتتەك دەم ئالدۇق. ئەتراپىمىزدا دۆۋە – دۆۋە قۇم بارخانلىرى ياتاتتى. تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار تاپقان خېلىلا تۈز يول مۇشۇ بولسا كېرەك، لېكىن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش سەۋەبلىك يۆنىلىشىنى بېكىتەلمەي كەلگەنىكەن. تاھىرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن جەنۇبىي يۆنىلىشنى بويلاپ 30 گرادۇس شەرققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئېگىز قۇملۇقلاردىن ئۆتتۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن يۆنىلىشنى بۇراپ ئۇدۇل شەرققە قاراپ ماڭدۇق – دە، شەرق شامىلى خېلىلا كۈچلۈك چىقىۋاتقان 15-20 مېتىرلىق قۇم بارخانلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ قالدۇق. مەن مەشتەك قىزىپ كەتكەن قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا چىداشلىق بېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان 72 ياشلىق ئۆردەككە ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمىدىم، تاھىرنىڭ پۇتى قاپىرىپ كەتكەچكە، پات – پات ئارقىمىزدا قالاتتى. بىز شەرقىي شىمال يۆنىلىشىنى بويلاپ ئاخىر پەس كەتكەن قۇملۇققا يېتىۋالدۇق. ناھايىتى روشەنكى، بۇ ئىككى ئۇيغۇر شىمالغا بۇرۇلۇپ بۇ يەرگە بېرىش يولىنى پىششىق بىلىدىكەن. ئوڭۇشلۇق بولسىلا قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن دەريا بويىغا بېرىۋالالايتتۇق. سائەت 7 دە، بىز قۇملۇقتىن چىقىۋالدۇق ۋە تۇرالغۇغا يېقىن ئەتراپتىكى كۆلنى پەرق ئېتىۋالدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت 8 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، بىز يەنە بىر قېتىم قونالغۇغا باردۇق. بۇ قېتىمقى ئايلانما شەكىلدىكى سەپىرىمىزدە 50 كىلومېتىر يول باستۇق، ئارخېئولوگىيىلىك نەتىجىلىرىمىز پەقەت تاش قورال دەۋرىگە ئائىت بىرنەچچە ساپال پارچىسى بىلەنلا چەكلەندى.

   بىر كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن، ئىككى ئۇيغۇر يەنە بىر قېتىم قىيپاش شەرق يۆنىلىشىنى بويلاپ يولغا چىقىپ ھېلىقى قەبرىستانلىقنىڭ ئورنىنى ئىزدىدى، مەن كۆلنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتىم، كۆل ئىككى خالتىسىمان توقايلىقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، قىرغاقلىرىدا يۇلغۇنلار چېچەكلىگەنىدى، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 1 كىلومېتىر كېلەتتى.

   تۆت كۈندىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كەلدى، لېكىن ئۇلار ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ، پەقەت بىرنەچچە كىچىك قەدىمىي بۇيۇملارنىلا ئالغاچ كەپتۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى تال مىس قەلەمتىراش بار ئىكەن. ھازىر پىلانىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك بولغاچقا، شېڭ رۇيخېن ئۇلارنى ماشىنىسى بىلەن قونالغۇغا ئاپىرىپ قويىدىغان بولدى. بىز تىكەنلىكتىن يىپ ئۇچى ئىزدەشنى قارار قىلدۇق.

         14-ماي قۇرغاق چۆل – باياۋاندا بىر پەس قاتتىق يامغۇر ياغدى. يامغۇردىن كېيىن، پاشا ئارام بەرمىدى. 18- ماي بىرنەچچە قېيىقچى سىۋېن ھېدىننىڭ خېتىنى ئالغاچ كەپتۇ، ئۇ خەتنى 12- ماي 80- نومۇرلۇق قونالغۇدا يازغانىكەن. ئۇ خېتىدە گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ قايتىشى كېرەكلىكى، كىچىك ماشىنىنىڭ 23- مايدىن بۇرۇن قونالغۇغا چوقۇم يېتىپ كېلىشى لازىملىقىنى يېزىپتۇ. شېڭ رۇيخېن ئۆردەك بىلەن تاھىرنى قونالغۇغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، شۇ كۈنىلا يېنىمىزغا قايتىپ كەلدى. ئۇ قۇمتاغ ئارقىلىق لوپنۇر كۆلىگە بارىدىغان يولنى تاپتىم دەپ پەرەز قىلغانىدى. پىلان بويىچە قۇملۇق ئارقىلىق دۇڭخۇئاڭغا ئۆتىدىغان گۇرۇپپا ئاتمىشبۇلاق ئەتراپىغا كەلگەندىن كېيىن يەنە 70-نومۇرلۇق قونالغۇغا قايتىپ كەلدى، چۈنكى ئۇلار يولنى بىلىۋالغانىدى.    مەن قارا تاغدىن كەلگەن، مىڭ تۇياق قويۇم بار دېگەن مالچىدىن (سانىنى مالچى ئېيتىپ بەرگەن، ئېھتىمال ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا كېرەك) بۇ يەردىن 15-20 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە قەبرە بارلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۈمىد تۇغۇلغانىدى. مەن دەرھال مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرگۈزدۈم. 22 – ماي بىز پوتالىق كۆلى بويىدىكى چېدىرلىرىمىزنى چۇۋۇپ دەريانىڭ قېشىغا يۆتكىدۇق. يولدا يۇلغۇن شاخلىرى بىلەن ياسالغان بىرنەچچە كەپىلەر ئۇچرىدى، بۇ كەپىلەر مالچىلارنىڭ تۇرالغۇلىرى ئىدى. شۇ ئاخشىمى مەن شېڭ رۇيخېن بىلەن تېپىشالمىدىم. ئۇ ئېكسپېدىتسىيە گۇرۇپپىسى بىلەن چاپما قېيىقنى توختىتىپ قويغان جايغا كېتىپتۇ. مېنىڭ ئەھۋالىم بىراز ياخشى بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ بولغانىكەن. كېيىن ئاڭلىسام شېڭ رۇيخېن قاتارلىقلار شۇ جايدىكى قېيىقچىلاردىن بىرنەچچە تال بېلىق ئېلىپ قورسىقىنى غەملەپتۇ.

   گەرچە تىكەنلىكتىن ئاشلىق سېتىۋالغان بولساقمۇ، ھازىر يېگۈدەك ھېچنېمە قالمىغانىدى. ئۆردەك ئاشلىق سېتىۋېلىپ كېلىشكە مەسئۇل بولدى، ئەمما ھەر قېتىم ئاشلىق سېتىۋالغاندا نېمىشقىدۇر بىرنەچچە خالتىسى يوقىلىپ كېتەتتى.

   شۇ ئاخشىمى ئۆردەك قونالغۇغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۇچىسىغا لوپنۇرلۇقلار كىيىدىغان يېپيېڭى كىيىملەرنى كىيگەن، بېشىغا تۇڭگان لەشكەرلىرىنىڭ مالخىيىنى كىيىۋالغانىدى. ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش كۆرۈنەتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن يەنە بىر قېتىم قەبرىستانلىقنى تاپماقچى بولدى، ھەتتا تېپىپ كەلگەن بەزى ئاخىرەتلىك بۇيۇملارنى ماڭا كۆرسەتتى. بۇلار نەپىس توقۇلغان ئۈچ دانە سېۋەت (مەن سىتەيىن بىلەن كرورەن ئەتراپىدا بايقىغان قەبرىلەردە مۇشۇنداق ئاخىرەتلىك بۇيۇملارنى كۆرگەنىدىم)، بىر دانە كىگىز تەلپەك ۋە ياغاچتىن ئىشلەنگەن بەزى بۇيۇملار ئىدى. بىز ئاشلىقلارنى غەملىگەندىن كېيىن ئۆردەكنىڭ ئوغلىنى بىرگە ئېلىۋېلىپ خىزمىتىمىزگە ياردەملىشىش تەلىپىنى رەت قىلدۇق، چۈنكى ئۇنىڭ ئوغلى بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەنىدى. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھېلىقى سىرلىق ”قەبرىستانلىق“نى ئىزدەپ تاپماقچى بولدۇق. 24 -ماي مەن 66-نومۇرلۇق قونالغۇنىڭ غەربىگە بىرنەچچە چاقىرىم كېلىدىغان يالغۇز قەبرىنى تەكشۈردۈم، مەن ئۇنى ”10- نومۇرلۇق قەبرە“ دەپ ئاتىدىم. جەسەت ساندۇقى توغراق ياغىچىنى ئويۇپ ياسالغان بولۇپ، ئۈستىدە قاپقىقى بار ئىدى. جەسەت ئۇپا – ئەڭلىك بىلەن گىرىم قىلىنغان بولۇپ، موميالىغان ھالەتتە ئىدى، ئۇچىسىغا توق سېرىق يىپەك تون، قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن شالۋۇر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، پۇت – قوللىرى چىقىپ تۇراتتى. يىپەك تونغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەبرىنى كرورەن دەۋرىدىن بۇرۇن دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولاتتى.

26 -ماي مەن، شېڭ رۇيخېن، ئۆردەك، لوپنۇرلۇق قەدى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قەدى ئېيتىپ بەرگەن قەدىمىي قەبرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ قەبرە تەخمىنەن غەربكە 7 -8 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياقا ئېرىق كۆلى ئەتراپىغا توغرا كېلەتتى. ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان بىر قەبرە كۆلنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئىدى. جەسەت ساندۇقى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، توغراق ياغىچىدىن ئىشلەنگەنىدى. بىز لەھەتنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن ئىككى تۆشۈك ئاچتۇق، ئۈستى تەرىپىدىن بۆكەننىڭ باش سۆڭىكى چىقتى، ئۆردەك“بۇ قەبرىلەر ئېھتىمال مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن“ دېدى. مەن بۇنىڭدىن سەل گۇمانلىنىپ قالغانىدىم، لېكىن ئەينى چاغدا قېزىپ چىقىدىغىنىمىزنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى دەپ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلمايتتىم. شۇڭا مەن بۇ قەبرىلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن قارىدىم. ئۇنىڭ ئىپتىدائىي ھالىتىدىن قارىغاندا، بىر رەتكە ئۈچ قەبرە قاتار تىزىلغان بولۇپ ئوتتۇرىسىدىكى قەبرە ناھايىتى ياخشى ساقلانغانىدى. بىز سىيىت موللىنى كۆل بويىدىكى كەپىسىگە بېرىپ يوقلىدۇق. ئۇ بىزنى سۈت، قېتىق ۋە نان بىلەن مېھمان قىلدى. نان تېرىدىن ئىشلەنگەن داستىخانغا قويۇلغانىدى. ئۆتكەن 3 – 4 يىلدىن بېرى سىيىت موللا ئىزچىل مۇشۇ يەردە تۇرۇپ مال بېقىۋېتىپتۇ. قىش پەسلىدە دەريا بويىدىكى كونا تۇرالغۇسىغا قايتىدىكەن. ھازىر ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى ئاھالىلەر قوي – ئۆچكىنى ئاساس قىلىپ يېرىم چارۋىچىلىق قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن، يېزا ئىگىلىكىمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغانىكەن. يېڭى دەرياۋادىسىدىكى قومۇشلۇق چارۋىلارنى مول يەم-خەشەك بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. .

   بىز چۈشتىن كېيىن كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق. شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىنى بويلاپ ئانچە يىراققا بارمايلا بىر قەبرىنى تاپتۇق. قەبرە ئۈستىگە بىرنەچچە تال توغراق ياغىچى قويۇلغان، دەرەخ شاخلىرى بىلەن يېپىلغان، ئۈستىگە بۆكەننىڭ باش سۆڭىكى، ئاتنىڭ باش سۆڭەكلىرى تاشلاپ قويۇلغان بولۇپ، سۆڭەكلەرنىڭ ئەتراپىغا چىۋىق ۋە رەخت پارچىلىرىمۇ تىزىپ قويۇلغانىدى.

    كەچ كىرىش بىلەن قارا بوران چىقىشقا باشلىدى. بوران 27- مايدىن 29- مايغىچە داۋاملاشتى. ئۇيغۇرلار تارقىلىپ كەتتى، مەن شېڭ رۇيخېن بىلەن چوڭ قەبرىنى داۋاملىق تەكشۈردۇق. بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىن كۈن پاتمايلا ئۇيقۇغا كېتىپتىمىز، بىر چاغدا ئۇشتۇمتۇت ئاتمىشبۇلاق تەرەپتىن قېيىقچىلارنىڭ ”تۆرە“ دېگەن ئاۋازىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتۇق. دەرۋەقە چاپما قېيىقلار بىز تەرەپكە كېلىۋاتاتتى. قېيىقتا سىۋېن ھېدىن، چىن زۇڭچى، گۇڭ جىچىڭ ۋە ئاشپەز جيا گۇيلەر بار ئىدى. ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىمىزنىڭ قەدىرلىك باشلىقى لوپنۇر كۆلىدىن قايتىپ كەلگەنىدى. بىز بەكمۇ تەسىرلەندۇق. 32 كۈن ئۆتۈپ كەتتى، رېھىم كورلىدىن بېنزىن ئېلىپ تېخى قايتمىغانىدى. روسىيىلىكلەر 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كورلىدا بىزگە بېنزىن بېرىشكە ۋەدە بەرگەنىدى. ھازىر ماشىنىغا كېرەكلىك بېنزىن بىرلا گاللۇن قالغانىدى. سىۋېن ھېدىن سىيىت موللا بىلەن بىرگە ئىككىنچى كۈنى كورلىغا بېنزىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

  مەن 3-ماي ئەتىگەن سائەت 10 بولمايلا سىۋېن ھېدىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن خوشلىشىپ، يول بەلگىلىرىنى ئېلىپ غەربنى بويلاپ ياقا ئېرىق كۆلى بويىدىكى سىيىت موللىنىڭ كەپىسىگە كەلگىچىلىك كىچىككىنە ئىككى تۇزلۇق كۆل ھەم سۇ كۆلچەكلىرى بىر – بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن دەريا قىنىنى ئايلىنىپ ئۆتتۈم. ئۇنى يەرلىكلەر ئالاتارىم دەپ ئاتايدىكەن. شۈبھىسىزكى، بۇ دەريا قىنى قۇم دەرياسى بىلەن تۇتىشاتتى. دەرۋەقە، دەريا قىنى بىلەن ياقا ئېرىق كۆلى ئارىلىقىدىكى يارداڭلىقلار قۇمساز، شورلۇق يەر يۈزىدە تاش قورال دەۋرىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ساپال بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقانىدىم.

                                                    دەريا بويىدىكى تۇرالغۇ

 سىيىت موللىنىڭ تۇرالغۇسىدا دەم ئالغاچ قېتىقنىمۇ ئىچىپ بولدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەر بولسا كېرەك، پىجغىرىم ئاپتاپتا سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بىز ئۇزۇنىسىغا كەتكەن قومۇشلۇق كۆلنى بويلاپ جەنۇب تەرەپكە سىلجىدۇق. كېيىن كىچىك بىر قۇم بارخاننى ئايلىنىپ ئۆتتۇق. ئەگەر بىزگە ھەمراھ بولغان ھېلىقى ئۇيغۇر بوۋاي بىر قاپاق سۇ ئېلىۋالمىغان، ئۇنى پات – پات ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرمىغان بولساق، تونۇردەك قىزىپ كەتكەن ئاپتاپ ئازابىدا زومچەك-زومچەك قۇم دۆۋىلىرىدىن ھەرگىزمۇ ئاشالمىغان بولاتتۇق. بىز ھەر بىر قۇم دۆۋىسىگە ياماشقىنىمىزدا ئاياغلىرىمىز قۇمغا توشۇپ كېتەتتى، مەن پات – پات توختاپ ئولتۇرۇۋالاتتىم. مەن ئىككى – ئۈچ كىلومېتىر كەڭلىكتىكى قومۇشلۇق بەلۋاغنىڭ شەرقىي چېتىگە كەلدىم. ئۇ بىرنەچچە كىچىك كۆللەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى، سۇ ئورنى كۆتۈرۈلگەندە بۇ كىچىك كۆللەر مارجاندەك تىزىلىپ دەريانى ھاسىل قىلاتتى. كىشىلەر بۇ يەرنى قۇمكۆل دەپ ئاتايدىكەن، قۇمكۆل قۇم دەرياسى بىلەن تۇتىشىدىكەن. بىز قومۇشلۇق بويىدىكى كۆلچەكنىڭ يېنىغا چېدىر تىكتۇق.

ئىككىنچى كۈنى قارا بوران شىددەتلىك چىققاچقا ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمىدى. مەن ھېلىقى ئۇيغۇر بوۋايغا رەھمەت ئېيتسام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ قۇم بارخانلىرىدىن ئۆتۈشتە يول خەرىتىسىنى سىزىشىمغا تۈرتكە بولدى. بۇ چاغدا قۇم بارخانلىرى ئون مېتىرچە ئېگىزلەپ باردى. چۈش مەزگىلى ھاۋا كۈچلۈك قىزىپ كېتىدىغان ۋاقىت بولغاچقا كۆلچەك بويىدا دەم ئالدۇق. چۈشتىن كېيىن بىز ئۇيغۇر بوۋاينىڭ ئالچۇقىغا يېتىۋالدۇق. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى – دە، بىزگە كۇپتا ساقلانغان قېتىقتىن يەتكۈزۈپ بەردى. بىز يەنە يولغا چىقىپ شەرقىي شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇپ بىر كۆلدىن ئايلىنىپ ئۆتتۇق – دە، ناھايىتى تېزلا قويۇق ھەم ئېگىز قومۇشلۇق ۋە باراقسان سايە تاشلاپ تۇرغان يۇلغۇنلۇققا يېتىۋالدۇق. بىز يولدىن ئادىشىپ قالغانىدۇق. ھاۋا چاڭ – توزانلىق بولغاچقا 100 مېتىر يىراقلىقنى كۆرگىلى بولمايتتى. بەختىمىزگەيارىشا ئېكسپېدىتسىيە گۇرۇپپىسىدىكى لوپنۇرلۇق يىگىت يولنى تېپىۋېلىشىمغا ياردەم قىلدى. دەريانىڭ كەڭلىكى ئون مېتىر كەلگەچكە ئاتلىق ئۆتكىلى بولاتتى. ئەگەر دەرياغا كەلكۈن كەلسە قومۇشلۇقنى چۆكتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. مەن كۆل بىلەن دەريا ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرۈپ ئاخىر ئىپتىدائى يالچۇقنىڭ يېنىغا كەلدىم ھەم 1368-نومۇرلۇق چېدىرنى تىكتىم. بۇ يەردىكى ئالچۇقتا ئابدۇراخمان دېگەن بىر كىشى ئولتۇرىدىكەن، ئۇ بىر پاقلاننى سويۇپ كاۋاپ قىلىپ بەردى، بىز كاۋاپنى ئىشتىھا بىلەن يەپ تۈگەتتۇق. دەريانىڭ تار قىنىدا لاي ئاقاتتى، شەرقىي جەنۇبىغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر تاشلاندۇق ئالچۇق قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

     1- ئىيۇن دەريانىڭ شەرقىي جەنۇبىنى بويلاپ بىر پەس ماڭغاندىن كېيىن، دەريانىڭ كەڭلىكى30 مېتىرغا، چوڭقۇرلۇقى 1.5 مېتىرغا يەتكەن، دەريانىڭ سول قېشى كۆچمە قۇمنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولسىمۇ، بىراق ئوڭ قېشى ئادەم چۆكۈپ كەتكۈدەك قومۇشلۇق ئىدى. يۇلغۇنلۇقتىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈنمۇ چىغىر يول ئاچمىسىڭىز بولمايتتى.

 پوتالىق كۆلى بويىدىكى قومۇش ئالچۇق ئالدىدا بىر ئۇيغۇر پادىچى قوي قىرقىۋاتاتتى. ئۇ ئىشلىتىۋاتقان قىرقىغۇچ موڭغۇللارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ كۆلدە بىرنەچچە غەلىتە ھەم ئەگرى – توقاي تار كەتكەن سۇ كىرىش ئېغىز بار ئىكەن. كۆلنىڭ دەل شەرقىدە كۆلگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۇ ئۆتۈشمە يولى بولۇپ، كۆل ئارقىلىق ئېقىنغا تۇتىشىپ كېتەتتى. بىز سەپىرىمىزنى مۇشۇ جايدا توختاتتۇق. كەچقۇرۇن پوتالىق كۆلنىڭ دەل جەنۇبىدىكى ئېقىن بويىدا تۈنىدۇق. بۇ ئېقىننىڭ كەڭلىكى 10-15 مېتىر كېلەتتى. ئېقىن مىقدارى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئىككى تەرىپى بىر كىلومېتىر كەڭلىكتىكى ئېگىز ئۆسكەن قومۇشلار بىلەن قاپلانغان سازلىق ئىدى. سازلىقتىن چىقىپ سەل ماڭغاندا قۇم بارخانلىرىغا بارغىلى بولاتتى. شۇ كۈنى چۈشكۈن قىلغان قونالغۇ (1369) نىڭ غەربىي جەنۇبى تەرىپى تۈزلەڭلىك بولۇپ، بىرنەچچە كۆلنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. قونالغۇ ئەتراپىدىن قىزىل ساپال قاچا – قۇچا بۇيۇملارنى ئۇچراتتۇق. يەنە بىر جايدىن مىس يارماق ۋە بەزى قىزغۇچ ساپال پارچىلىرىنى تاپتۇق. قونالغۇنىڭ شىمالىدىن غەربىگىچە بولغان 1500 مېتىر ئورۇندا بىر قەبرىستانلىق بولۇپ 4 – 6 گىچە جەسەت ساندۇقى بار ئىدى، مەن ئۇنى رەت بويىچە ”4 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىق“ دەپ ئاتىدىم. بۇ جەسەت ساندۇقلىرىنىڭ ئىككىسى ياغاچنى ئويۇپ ياسالغان جەسەت ساندۇقى، يەنە بىرى ئاددىي شالدىن ياسالغان جەسەت ساندۇقى ئىدى، لېكىن بۇزۇلۇپ شاللىرى ئاجراپ كېتىپتۇ. مەن ئۇ يەردىن يەنە يىپەك، شۇنىڭدەك قىزىل شايى پارچىلىرى بىلەن چاچ تېپىۋالدىم. 

      2-ئىيۇن شەرقىي جەنۇب تەرەپكە قاراپ داۋملىق ئىلگىرىلىدۇق. قومۇشلۇقتىن ئۆتۈپ دەريانىڭ ئىككى قېشىنى ئايلىنىپ كەلدۇق. دەريا سۈيى بۇ گۈزەل كۆلگە قويۇلىدىكەن، مەن قۇم بارخانلىرىنىڭ مەركىزىدە بىر كىچىك قەبرىنى ئاچتىم، قەبرىدىن ناھايىتى ياخشى ساقلانغان جەسەت ساندۇقىنى قېزىۋالدىم ۋە ئۇنىڭغا ”6 – نومۇرلۇق قەبرە“ دەپ نومۇر قويدۇم. مەن بىر جەسەت ساندۇقىدىن ئاياللارنىڭ كۆڭلىكىگە كەشتىلەيدىغان يىپەكلەرنى يىغىۋالدىم. قەبرىستانلىقنىڭ دەل شەرقىدىكى دەريا قېشىغا چېدىر تىكتۇق، ئەتراپىمىزدا قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخزارلىق بار ئىدى. ھاۋاسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. لېكىنزە كۆكۈيۈنلەر ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ زېرىكەرلىك غۇڭۇلداپ ئارامىمىزنى قويمايتتى. 

   شۇ كۈنى كەچتە ئۆردەك بىزنى ئۆزى بايقىغان ھېلىقى مەشھۇر قەبرىستانلىققا ئاخىر باشلاپ باردى. شەرقىي شىمال يۆنىلىشىنى بويلاپ پەس كەتكەن قۇملۇقنى ئايلىنىپ توپتوغرا بەش كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئۇ بىزنى كۇنىسسىمان قۇم تاغنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى. تاغ ئۈستىگە ئۇزۇن ياغاچ بادرىلار تىكلەپ قويۇلغان بولۇپ، بىر پارچە ئورمانلىققىلا ئوخشايتتى. بۇ دەل مەن ئىزدەۋاتقان نىشان بولۇپ، بۇ يەر ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئاڭلىغىنىمدىن بۇيان ئىزچىل ئۇ يەرنى ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭغا ”5 – نومۇرلۇق قەبرە“ دەپ نومۇر قويدۇم. بۇ لوپنۇر چۆلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى! شۇ قېتىمقى ھاياجانلىق ھېسسىياتىمنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەشكە ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىمەن، چۈنكى بۇ ھەقتە كۆپ توختالغانىدىم.

   كۈندۈزى ئاپتاپنىڭ دەردىدە تۇرغىلى بولمايتتى، لېكىن ئاخشاملىرى قۇملۇققا سالقىن چۈشەتتى، شۇنداق بولغاچقىمۇ زۇكام بولۇپ قاپتىمەن. سەھەر، ئاخشامدا دەريادىن سۇ ئېلىپ كېلىپ ئىچەتتۇق. ھەر قېتىم سۇ ئېلىپ قايتقاندا بىر توپ كۆكۈيۇن ئەگىشىپ يوپۇرۇلۇپ كېلەتتى. كۈندۈزى ئىش ئورنىدا ئىش بىلەن ھەلەك بولغاچقا قۇرت – قوڭغۇزنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشاتتى.   

6-ئىيۇن تازا بىر پەس قۇم بوران چىقىپ بېسىقتى، شۇ كۈنى ئالاقىچى چىن زۇڭچى بىلەن خۇممېلنىڭ خېتىنى ئالغاچ كەپتۇ. خۇممېلنى قاۋان تالىۋەتكەچكە يارا ئاغزى ياللۇغلىنىپ قۇم دەريا بويىدىكى لاگېرىمىزدا يېتىپ قاپتۇ. بىز بۇ خەۋەر بىلەن تەڭ يەنە گۈرۈچ تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بۇ ئالتە ھەپتىدەك ئۈزۈلۈپ قالغان ئوزۇقىمىز ئىدى. ئۇندىن باشقا تاماكىمىزمۇ ئۆكسۈپ قالغانىدى. قەبرە ئەتراپى تەكشى بولمىغاچقا چېدىرنى قۇم ئۈستىگىلا تىكىشكە توغرا كەلدى. كېچىدىن چىققان بوران بىزنى بىر قەۋەت قۇمغا كۆمۈۋېتىپتۇ. بىز ئەتىگەندە خۇددى قۇم باسقان شەھەر ئويغانغانغا ئوخشاش ئورۇنلىرىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق. ئالاقىچىمۇ لاگېرغا پىيادە قايتىپ كەتتى، ئۇ يەنە ئىككى كۈن يول يۈرۈشى كېرەك ئىدى.

 ئۆردەك شەرقىي تەرەپكە تەخمىنەن 15 كىلومېتىر ماڭغاندا يەنە بىرنەچچە قەبرە بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

        7-ئىيۇن بىز لوپنۇر چۆلىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسىنى باشتىن كەچۈردۇق. قاتتىق يامغۇر 40 مىنۇت ياغدى، ئارقىدىن خېلى بىر چاغقىچە ئوتتۇرا ھال يامغۇر ياغدى. يامغۇردىن كېيىن قۇم بارخانلىرىدا غۇۋا بىر خىل گۇگۇم پەردىسى يېيىلدى – دە، قۇم، چاڭ – توزان بېسىققاندەك جاھان سۈكۈناتقا چۆمدى. كېيىن ئاڭلىساق، لاگېرنىڭ شىمالىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يامغۇر ناھايىتى قاتتىق يېغىپتۇ.    ئىككىنچى كۈنى ھەممە يەر سىمابتەك تۈسكە كىردى. يارداڭبۇلاقنىڭ شىمالىدا بىرنەچچە كۆكۈش تاغ تىزمىلىرى ناھايىتى روشەن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىز 5 – نومۇرلۇق قەبرىدىن ئايرىلىپ دەريانى بويلاپ داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىدۇق ھەم ئۆردەك ئېيتىپ بەرگەن يەرنى ئىزدىدۇق. كەڭدالا دەپ ئاتالغان ئالچۇقتىن ئۆتتۇق، بۇ ئەسلىدە قاراقىللىق نىيازباينىڭ ئۆتىڭى ئىكەن. بىز كىچىك دەريانىڭ بىر تارمىقى يېنىدىكى ئالچۇق بار يەردە 1371- نومۇرلۇق قونالغۇ قىلىپ چېدىر چىكتۇق. دەريا دەل مۇشۇ نۇقتىدىن تۆۋەنكى ئېقىنغا بېرىپ ئايرىم – ئايرىم ھالدا نۇرغۇن ئۇششاق كۆللەرگە قۇيۇلىدىكەن. جەنۇبتىن 53 گرادۇس شەرققە سوزۇلغان قومۇشلۇققا بارغاندا بۇ كۆل توپى ئاخىرلىشىدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دەريا سۈيى جەنۇبقا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر ئېقىپ باغراش كۆلىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ماڭغاندا كۆكتوغراققا بارغىلى بولىدىكەن. دەريا قونالغۇمىزدىن ئىككى كۈنلۈك مۇساپىگە تەڭ يەرگە بارغاندا تامامەن يوقىلىپ كېتىدىكەن. لېكىن ھېچكىم يوقىلىپ كېتىدىغان توغرا نۇقتىنى دەپ بېرەلمەيتتى. مەن بۇ نۇقتىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى كۆلى قارا سۇ كۆلى بولۇپ قېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. نىيازباي ئۇنى قۇم دەرياسى دەپ ئاتايدىكەن. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ ئاساسى بولمىسا كېرەك، چۈنكى ئۇ سۇ ئېقىتىپ ماڭغان قۇم مىقدارىغا قاراپ شۇنداق ئېيتقان. يەرلىك كىشىلەر بۇ دەريانى يېڭى دەريا دەپ ئاتايدىكەن. بۇ دەريانىڭ ھاسىل بولغانلىقىغا ئۇزاق بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ناھايىتى روشەنكى، بۇ دەريا 5 – نومۇرلۇق قەبرىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىدە ھاسىل بولغان. ئەينى يىلى ئۆردەك بۇ كىچىك قۇم تۆپىلىكتىكى قەبرىنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتقاندا (15-20 يىل بۇرۇن) بۇ يەردە دەريانىڭ ئىزناسىمۇ يوقمىش.    دەريانىڭ سۇ ئورنى كۆتۈرۈلگەندىلا چاپما قېيىق بىلەن سەپەر قىلغىلى بولاتتى. لېكىن بەزى يەرلەردە ئېقىن رايونى شەكىللەنگەچكە ئادەم ناھايىتى ئاسانلا ئادىشىپ قالاتتى.

    ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇق ئارىسىدىكى تۇرنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدۇق. بوران ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ قۇم – شېغىللارنى ئۇچۇرتۇپ ئەتراپنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەسكە توختىدى. تۇر سېغىز توپىدىن قۇرۇلغاچقا شامالنىڭ يالىشى بىلەن تاقىرلىشىپ كەتكەنىدى. تۇرنىڭ يېقىن ئەتراپى بىلەن يىراقتىكى قۇم دۆۋىلىرى ئارىلىقىدىكى بوشلۇقتا قىزغۇچ ساپال پارچىلىرى، شەكلى خەن دەۋرىگە يېقىن كېلىدىغان بەزى كونا تۆمۈر پارچىلىرى، داشقاللارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. مەن تۇر ئەتراپىدىن كۈلرەڭ بىلەي تاش بىلەن ئۇپراپ كەتكەن بىر تال ياماقنى تېپىۋالدىم.

 مەن بۇ قەدىمكى قەبرىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قېزىۋېلىنغان ماددىي بۇيۇملارنى كەم دېگەندىمۇ ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىدىم. بىر خىلى، 7 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغانلار كرورەننىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى؛ يەنە بىر خىلى، ھېلىقى كىچىك دەريا بويلاپ دەپنە قىلىنغان جەسەتلەر بولۇپ، ئاخىرەتلىك يىپەك رەختلەردىن قارىغاندا ئۇ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنى كۆرسىتەتتى، بۇنىڭدىن ناھايىتى يىراقتىن كەلگەن شەرقچە ئالاھىدىلىكنى كۆرگىلى بولاتتى. سىۋېن ھېدىن قۇم دەرياسىنىڭ دېلتىسىدىكى قەدىمكى قەبرىدىن يەرلىك مەدەنىيەت ۋە تاشقى مەدەنىيەت ئارىسىدىكى پەرقلەرنى بايقىغان، سىتەيىنمۇ ئوخشاش بىر رايوندا بۇ خىل ھالەتنى بايقىغان. مېنىڭچە، 10- نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن بايقالغان ماددىي تەئەللۇقاتلارنىڭ يىل دەۋرى باشقا قەبرىلەر بىلەن بىر قەدەر پەرقلىق بولسىمۇ، بىراق 6 – ، 7 – نومۇرلۇق قەبرىلەرنىڭ يىل دەۋرىدە ئانچە زور پەرق يوق. 

 12-ئىيۇن بىز شىمالغا يۈرۈش قىلىپ قۇم دەرياسىغا قايتىپ كەلدۇق. پوتالىق كۆلى بويىدىكى چېدىردا يېڭسۇدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر بىزنىڭ كېلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، مېنىڭ قەبرىدىن تاپقان گۆھەرلىرىمنى تەكشۈرىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ياش بالىلارنى، ئات، كالا، قوي ۋە پۇل دېگەندەك نەرسىلەرنى يىغىش ئىكەن. قارىغاندا ئۇ بالىلارنى كۆپلەپ ئەسكەرلىككە يىغىش، چارۋا ۋە ئاشلىق غەملەش بىلەن ئاۋارىدەك قىلاتتى. ناھايىتى روشەنكى، تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى تاشيولدا ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا سۇ ئورنى 12 كۈن ئىچىدىلا بىر ئىنگلىزچىسى تۆۋەنلىدى.

        14-ئىيۇن قۇملۇق دوزاخنىڭ ئۆزىگە ئايلاندى، بىز دەھشەتلىك ئىسسىقتا قۇم دەرياسىغا يېتىۋالدۇق. لاگېردا (70- نومۇرلۇق قەبرىستانلىق) بىرنەچچە ئادەملا قاپتۇ. خوممېل بىلەن گۇڭ جىچىڭ ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشتە يولغا چىقىپ ئۈرۈمچىگە كېتىپتۇ. چىن زۇڭچى دەريانى بويلاپ ئۇنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپتۇ.

 

  مەنبە:“تارىم“ ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 4-سانى ۋە خەنزۇچە ”يىپەك يولىدا ساياھەت“ ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 1 – سانىدىن ئېلىندى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: http://lopnuri.com/?p=63

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-12
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: